ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدار بۆلەكلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە

باش بەت

  باش بەت ئىقتىدارى بولسا تور بېكەتتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى يىغىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئورۇن بولۇپ، باش بەتكە يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىقتىدارلاردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان رامكىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغىلى ھەم ئىشلەتمەيدىغان ئىقتىدارلارنىڭ رامكىسىنى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۆزىمىز ئىختىيارىي رامكا قۇرۇپ ھەر قانداق مەزمۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەزمۇن رامكىلىرىنى 2/1 نىسبەت بويىچە، 3/1 نىسبەت بويىچە، 4/1 نىسبەت بويىچە، 6/1 نىسبەت بويىچە، 3/2 نىسبەت بويىچە، 4/3 نىسبەت بويىچە، 6/5 نىسبەت بويىچە ۋە %100 لىك نىسبەت بويىچە خالىغان كەڭلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى كود تەھرىرلىمەي تۇرۇپلا ئارقا سۇپىدىن خالىغانچە قۇرۇشقا ۋە مائۇس ئارقىلىقمۇ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بەتنىڭ بۇ ئىقتىدارىغا ئالىي دەرىجىلىك DIY قېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.
  باش بەت تور بېكەتنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈنىدىغان بۆلىكى بولۇپ، تور بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنى باش بەتتە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغاندا زىيارەتچىلەر تور بېكەتكە كىرىپلا ئەڭ ئاۋۋال شۇ مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ. مەزمۇن رامكىلىرىنى داۋاملىق قوشۇش ئارقىلىق باش بەتنى تېخىمۇ مول قىلىشقا بولىدۇ. مەزمۇن كۆپ بولغانچە باش بەتمۇ ئاستىغا ئۇزىراپ ماڭىدۇ. باش بەت ئىنتايىن مۇھىم رايون بولۇپ، كومپيۇتېر نۇسخىسى ۋە كۆچمە ئ‍ۈسكۈنە نۇسخىسىنىڭ باش بەت ۋە بارلىق رايونلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىپ لايىھەلەندى.

تىزىملىتىپ كىرىش

  تور بېكەتكە ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي تولدۇرۇپ تىزىملىتىپ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ. ئۈندىدار ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش، QQ ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش، شىنلاڭ مىكروبلوگى ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش قاتارلىق ھازىر ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان تىزىملىتىپ كىرىش ئىقتىدارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

پۇل تاپشۇرۇش

  مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىدا «مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇش» ۋە «جۇغلانما نومۇر ئىشلىتىش» ئۇسۇلىنى قوللايدۇ. «ئۈندىداردا پۇل تاپشۇرۇش» ۋە «ئالىپايدا پۇل تاپشۇرۇش» قاتارلىق پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز سىستېمىنىڭ «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. جۇغلانما نومۇر ئەزانىڭ تور بېكەتتىكى مەشغۇلاتىغا قارىتا ئاپتوماتىك جۇغلىنىدۇ. بۇ خىل پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىسىدا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
  مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ۋە جۇغلانما نومۇر قاچىلىغاندا پۇل تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

خەۋەر

  خەۋەر ئىقتىدارى ئىككى ئاساسىي بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.
  بىرىنچى. خەۋەر تىزىملىكى بۆلىكىدە خەۋەرنىڭ تىزىملىكىنى رەسىملىك كۆرسىتىشكە بولىدۇ. خەۋەر تىزىملىكىنىڭ ئۈستىگە، يان تەرىپىگە ۋە ئاستى تەرىپىگە خالىغانچە ھەر خىل مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدىغان رامكىلارنى قۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
  ئىككىنچى. خەۋەر كۆرۈش بۆلىكىدە خەۋەرنى رەتلىك كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەم خەۋەر مەزمۇنىنىڭ ئەتىراپىغا ھەر خىل مەزمۇن رامكىلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ، رامكىلارنى ئېلىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
  خەۋەر مەزمۇنىنىڭ ئاستىدا خەۋەرگە قارىتا ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىنكاسنى كومپيۇتېر ۋە يانفوندا يېزىش ناھايىتى قولايلىق. ئىنكاس مەزمۇنىنى باشقۇرغۇچى تەستىقلاش ئارقىلىق كۆرۈنىدۇ.
  خەۋەر ئىقتىدارى ئارقىلىق شىركەت خەۋەرلىرى، مۇلازىمەتلىرى، ۋە ھەر خىل ئ‍ۇچۇرلارنى تور بېكەتتە ئېلان قىلىپ تەشۋىقات خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
  تور بېكەتنىڭ خەۋەر سەھىپىسىگە يېزىلغان خالىغان مەزمۇنلارنى ھەممە زىيارەتچى كۆرەلەيدىغان، پەقەت ئەزالار كىرىپ كۆرەلەيدىغان ۋە جۇغلانما نومۇرغا سېتىۋېلىپ كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق خالىغان خەۋەردىكى مەزمۇننى جۇغلانما نومۇرغا سېتىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقىمۇ بولىدۇ.

بلوگ

  بلوگ ئىقتىدارى خەۋەر ئىقتىدارىغا ئوخشاش يەنە بىر تۈر بولۇپ، تۈرنىڭ ئىقتىدارى ئوخشايدۇ. ئەمما، سىرتتىن ئايرىم مىكروبلوگ ئېچىپ يۈرمىسىمۇ كارخانىڭىزنىڭ تور بېكىتىدىن مەخسۇس كارخانا توغرىسىدا بلوگ سۇپىسى قۇرۇشقا قولايلىق. بلوگ ئىقتىدارىمۇ ئىككى ئاساسىي بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار خەۋەرگە ئىقتىدار جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.
  تور بېكەتنىڭ بلوگ سەھىپىسىگە يېزىلغان خالىغان مەزمۇنلارنى ھەممە زىيارەتچى كۆرەلەيدىغان، پەقەت ئەزالار كىرىپ كۆرەلەيدىغان ۋە جۇغلانما نومۇرغا سېتىۋېلىپ كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق خالىغان بلوگدىكى مەزمۇننى جۇغلانما نومۇرغا سېتىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقىمۇ بولىدۇ.

مەخسۇس بەت

  مەخسۇس بەت ئىقتىدارى بولسا، ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئايرىم كۆرسىتىشكە بولىدىغان مۇستەقىل تاق بەت. تور بېكەت سىستېمىسىنىڭ بار بولغان تۈرلىرىدىن باشقا مەزمۇن قوشۇشقا توغرا كەلگەندە (يەنى، مەھسۇلات ياكى ئالاھىدە مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىدىغان تەشۋىقات بېتى قۇرۇشقا توغرا كەلگەندە) مەخسۇس بەت ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ يېڭىدىن تەشۋىقات بېتى لايىھەلىگەندەك ھەرخىل تۈردىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تەشۋىقات بېتى قۇرۇشقا بولىدۇ. HTML ۋە CSS كودى ئىشلىتىپ JAVASCRIPT كودى قىستۇرۇپ مەخسۇس بەتكە چىقارغان مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئالاھىدە چىقارغىلى بولىدۇ.

زىيارەت ھوقۇقى

  ئەزالار تور بېكەتكە كىرگەندە تور بېكەت سىستېمىسىدىكى خەۋەر، بلوگ، مەخسۇس بەت ۋە فىلىم سەھىپىلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ زىيارەت شەكلىنى ھەر خىل تەڭشىگىلى بولىدۇ. يەنى، ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان، پەقەت ئەزالارلا كۆرەلەيدىغان ياكى شۇ مەزمۇننى سېتىۋېلىپ كۆرەلەيدىغان قىلىپ خالىغانچە تەڭشەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
  ئۇندىن باشقا، باشقۇرغۇچىلار ئارقا سۇپىغا كىرگەندە بارلىق رايونلارنى باشقۇرالايدىغان ۋە مەلۇم دائىرىنىلا باشقۇرالايدىغان قىلىپمۇ تەڭشىگىلى بولىدۇ. مەلۇم دائىرىنىلا باشقۇرالايدىغان قىلىپ تەڭشىگەندىمۇ يەنە شۇ دائىرە ئىچىدە نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىدىن تارتىپ ئىنچىكە تەڭشىگىلى بولىدۇ. باشقۇرغۇچى گۇرۇپپىسى ھوقۇقىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە لايىھەلەنگەن.

بازار (مەھسۇلات)

  بازار ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتلارنى رەسىملىك، خەتلىك، فىلىملىك ۋە باشقا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشلىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىدە بار بولغان مەھسۇلاتلارنى تور بېكىتىدىلا ئۈچ خىل تىلدا تەشۋىق قىلىپ بىۋاستە ساتالايدۇ. مەھسۇلاتتىن باشقا مۇلازىمەتلەرنى بازار سەھىپىسىگە چىقىرىش ئارقىلىقمۇ مۇلازىمەتنىڭ پۇلىنى تور بېكەتتىن تاپشۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. ئەزالار مەھسۇلاتلارنى تاللاپ مال ھارۋىسىغا قاچىلاپ ھېسابات قىلسىمۇ ياكى بىۋاستە ھېسابات قىلسىمۇ بولىدۇ.
  خالىغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى تور بېكەتتىكى ئەزالارنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا ئەزالار ئوخشاش بولمىغان باھادا سېتىۋالغىلى (دەرىجىسى يۇقىرى ئەزا ئېتىبار باھادا، دەرىجىسى ئادەتتىكى ئەزا نورمال باھادا) بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.
  سىستېمىنىڭ «ئۆلچەملىك نۇسخىسى» نىڭ پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارى مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئالىپاي (支付宝) دا پۇل تاپشۇرۇش، ئۈندىدار (微信支付) دا پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قوللانما

  ئادەتتە، ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش ۋە ئەسكەرتىش مەزمۇنلىرى يېزىلغان قوللانما كىتابى بولغانغا ئوخشاش، مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسىغىمۇ قوللانما ئىقتىدارى لايىھەلەندى. مەلۇم مەھسۇلاتنى ۋە مەلۇم مەزمۇنلارنى قوللانما سەھىپىسىدىن پايدىلىنىپ چوڭ باب، تارماق باب ۋە مەزمۇنلار بويىچە مەھسۇلاتنىڭ قوللانما كىتابىغا ئوخشاش تور بېكەتتىلا تەپسىلىي قوللانما تىزىپ چىقارغىلى بولىدۇ.
  نۇرغۇن كىشىلەر مەھسۇلاتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەھسۇلاتتىن باشقا نەرسىلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. ھەتتا، مەھسۇلاتنىڭ قوللانما كىتابىنىمۇ تاشلىۋېتىدۇ. كېيىن مەسىلە چىقسا ئۇلارغا ئايرىم مەسلىھەت بېرىدىغان ئىش چىقىشى مۇمكىن. قوللانما كىتابىدىكى مەزمۇننى تور بېكەتتىمۇ قوللانما شەكلىدە بابلار بويىچە تىزىپ چىقىرىپ قويغاندا خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مۇقىم ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  بەت ھاسىل قىلىپ بەرگەن قوللانمىنىڭ ئادېرىس ئىككىلىك كودىنى مەھسۇلات قېپىغا چىقىرىپ قويۇش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى قاپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفوندا تەكشۈرۈپلا كۆرۈش ئىنتايىن قولايلىق.

مۇنبەر

  مۇنبەر ئىقتىدارى باشقا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، تېما ۋە ئىنكاس يېزىشقا بولىدۇ. مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنى چوڭ سەھىپە ۋە تارماق سەھىپىلەر بويىچە ئايرىشقا بولىدۇ. مۇنبەر ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كارخانىنىڭ كەسپى ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن خېرىدارلار ۋە ھەۋەسكارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، تېخنىكا تەمىنلەشكە ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ. تېما ۋە ئىنكاس يوللاش ئارقىلىق ئەزالار جۇغلانما نومۇرىنى ئاشۇرالايدۇ.
  مائارىپ – مەكتەپ ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش تور بېكەتلىرى ھەر خىل دەرسلىك ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى سەھىپىلەر بويىچە چىقىرىش ئارقىلىق توردىكى دەرسخانىنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

ئەزا مەركىزى

  ئەزا مەركىزى ئىقتىدارى بولسا، ئەزالار تور بېكەتتە ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن. ھازىر كۆپ قىسىم تور بېكەت سىستېمىلىرىدا بار بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچىراۋاتىدۇ. مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئەزا مەركىزىدە ئەزالارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
  ئەزا مەركىزىدە شەخسىي ئۇچۇر، سىستېما تەرىپىدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇر، جۇغلانما نومۇر كۆرۈش ۋە جۇغلانما نومۇر قاچىلاش، زاكاز ئۇچۇرلىرى، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادېرىسى، مۇنبەرگە يوللىغان تېمىلار، مۇنبەرگە + خەۋەرگە + بلوگقا + مەھسۇلاتقا يوللىغان ئىنكاسلار، يوللىغان ماقالە (خەۋەر ۋە بلوگ) ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ۋە باشقۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ئەۋەتكەن خىزمەت تالونىنى تاپشۇرۇۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.
  ئەزا شەخسىي ئۇچۇرىنى تەھرىرلەش، پارول ئۆزگەرتىش ... قاتارلىق شەخسىي ئىقتىدار تۈرلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەزا مەركىزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

زاكاز

  زاكاز قىلىش ئىقتىدارى بولسا، بازار سەھىپىسىگە يوللانغان مەھسۇلات ياكى مەھسۇلات شەكلىدە يوللانغان مەزمۇنلارنى زاكاز قىلىشقا بولىدۇ. زاكازنىڭ پۇلىنى «مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. «ئالىپاي (支付宝) دا پۇل تاپشۇرۇش»، «ئۈندىدار (微信支付) دا پۇل تاپشۇرۇش» قاتارلىق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  قىلىنغان زاكازنى ئارقا سۇپىدا ئىنتايىن رەتلىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. زاكازنىڭ پۇل تاپشۇرۇلغان ۋە پۇل تاپشۇرۇلمىغان ھالىتى، مال ئەۋەتىشنى كۈتۈۋاتقان ۋە مال ئەۋەتىپ بولغان ھالىتى، مال تاپشۇرۇۋېلىشنى كۈتۈۋاتقان ۋە مال تاپشۇرۇۋېلىنىپ بولغان ھالىتى، بېكار قىلىنغان زاكازلار ... قاتارلىقلارنى ئىنتايىن تەپسىلىي باشقۇرغىلى بولىدۇ.

سۆز قالدۇرۇش

  سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بولسا ھەر قانداق شىركەت – كارخانا ياكى ئورگان تور بېكىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىقتىدار بولۇپ، بۇ سەھىپىگە قالدۇرۇلغان سۆز تەستىق باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ. باشقۇرغۇچى قالدۇرۇلغان سۆزگە جاۋاب قايتۇرسا زىيارەتچىلەر كۆرەلەيدىغان «سۆز قالدۇرۇش» سەھىپىسىدە كۆرۈنىدۇ.
  سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە سۆز قالدۇرغۇچىنىڭ ئىسمى، تېلېفون نومۇرى، يانفون نومۇرى، QQ نومۇرى، ئېلخەت ۋە سۆز مەزمۇنى قاتارلىقلار بويىچە تولدۇرۇپ يازغىلى بولىدۇ. قالدۇرغان سۆز تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن پەقەت باشقۇرغۇچىلا كۆرەلەيدىغان ياكى ھەممە ئادەملەر كۆرەلەيدىغان قىلىپ تاللاپ يوللىغىلىمۇ بولىدۇ.
  سۆز تەستىقلانغاندىن كېيىن پەقەت يوللىغۇچى ئىسمى بىلەن سۆز مەزمۇنىلا كۆرۈنىدۇ، باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلانمايدۇ.

ماقالە

  ماقالە يوللاش ئىقتىدارى بولسا، باشقۇرغۇچىلار تور بېكەتكە خەۋەر ۋە بلوگ مەزمۇنى يوللىغانغا ئوخشاش ئەزالار ئەزا مەركىزىدىن ماقالە يوللايدىغان ئىقتىدار بولۇپ، ئەزالار يوللىغان ماقالىنى باشقۇرغۇچى خەۋەرگە ياكى بلوگقا تاللاپ تەستىقلسا بولىدۇ. تەستىقتىن ئۆتكەن ماقالە باشقۇرغۇچى يوللىغان خەۋەر ۋە بلوگ مەزمۇنىغا ئوخشاش چىقىدۇ.
  بۇ سەھىپە مۇنبەردىن باشقا مۇشۇ ئىككى سەھىپىگە ماقالە يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

باھا سۆز

  باھا سۆز ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات، خەۋەر، بلوگ، قوللانما، فىلىم قاتارلىقلارنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندىن شۇ مەزمۇنغا قارىتا باھا سۆزى يازغىلى بولىدۇ. باھا سۆزىنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈنىدۇ.

ئىزدەش

  ئىزدەش ئىقتىدارى تور بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى تېزلىكتە ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغان ئىقتىدار بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك بىرەر سۆز يازسىڭىزلا تور بېكەتتىكى بارلىق ئىقتىدار ۋە سەھىپىلەردىن سىز ئىزدىگەن مەزمۇننى تېپىپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
  ئارقا سۇپىدىمۇ مەزمۇنلارنى ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، يوللانغان مەزمۇنلارنى ئارقا سۇپىدىكى ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تېزلىكتە تېپىپ باشقۇرۇشقا قولايلىق.

ئىككىلىك كود

  تور بېكەتنىڭ قايىسسىلا بېتىنى ئاچسىڭىز ئوڭ تەرەپتە ئىككىلىك كود بەلگىسى بار، شۇ ئىككىلىك كود بەلگىسىنى باسسىڭىز تور بېكەتنى يانفوندا زىيارەت قىلىش ئىككىلىك كودىنى ھاسىل قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىلىك كودنى ئۈندىدار، كيۇ كيۇ، تور كۆرگۈچ ياكى تور ئادېرىسىنى قوللايدىغان ھەر قانداق ئىككىلىك كود سكاننېرلايدىغان ئەپ ئارقىلىق سكاننېرلىسىڭىز كومپيۇتېردا ئېچىۋاتقان شۇ مەزمۇندىكى بەتنى يانفوندا تېز سۈرئەتتە ئېچىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
  ئەگەر سىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان بولسىڭىز مەھسۇلاتىڭىزنى تور بېكىتىڭىزگە يوللىدىڭىز، ئاندىن تور بېكىتىڭىزدىكى شۇ مەھسۇلات بېتىنىڭ ئىككىلىك كودىنى مەھسۇلاتنىڭ قېپىغا چىقاردىڭىز، مەھسۇلات قېپىدىكى شۇ ئىككىلىك كودنى باشقىلار سكاننېرلاپلا شىركىتىڭىزنىڭ تور بېتىدىكى مەھسۇلاتنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ ھەم مەھسۇلاتنىڭ ساختا ئەمەسلىكىنىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. شۇ مەھسۇلاتنى يانفوندا سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.
  ئىككىلىك كودتا يەنە ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىككىلىك كودىمۇ بار بولۇپ، ئارقا سۇپىدىن تور بېكەتكە باغلانغان ئۈندىدار سۇپىڭىزنىڭ ئىككىلىك كودىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىلىك كودنى باشقىلار سكاننېرلاپلا ئۈندىدار سۇپىڭىزنى تېزلا قوشۇۋالالايدۇ.

جۇغلانما نومۇر

  جۇغلانما نومۇر ئىقتىدارى بولسا، ئەزالارنىڭ تور بېكەتتىكى دەرىجە نومۇرى بولۇپ، ماقالە يوللىسا، تېما يوللىسا، ئىنكاس - باھا يوللىسا، سۆز قالدۇرسا ۋە مەھسۇلات سېتىۋالسىا مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. ھەتتا، تور بېكەتكە ئەزا نامىدا تىزىملىتىپ ھەر قېتىم كىرگەنگىمۇ جۇغلانما نومۇر بېرىلىدۇ.
  قايسى مەشغۇلاتقا قانچىلىك مىقداردا جۇغلانما نومۇر بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئارقا سۇپىدىن خالىغانچە تەڭشەپ بېرىشكە بولىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ باھاسىغىمۇ جۇغلانما نومۇر ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ باھاسى 1000 يۈەن بولسا، بۇ مەھسۇلاتقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان جۇغلانما نومۇر بويىچە سىزنىڭ جۇغلانما نومۇرىڭىزنى پۇلغا ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىپ 1000 يۈەندىن ئازلىغان قىسمىنى پۇل تاپشۇرۇش ئارقىلىق مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.
  ئەزانىڭ جۇغلانما نومۇرى كۆپىرەك بولسا جۇغلانما نومۇرىنى پۇلغا ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ئالماشتۇرۇش سوممىسىنىمۇ ئارقا سۇپىدىن خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ئىستاتىستىكا

  تور بېكەتنىڭ ئىستاتىستىكا ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كۈنلۈك، ھەپتىلىك، يېقىنقى 30 كۈنلۈك ۋە مەلۇم ۋاقىتتىن مەلۇم ۋاقىتقىچە بولغان زىيارەتنى ئىستاتىكىلاشقا بولىدۇ. كۆرۈلۈش مىقدارى (PV)، مېھمان سانى (UV) ۋە IP سانى بويىچە ھەممىسىنى تەپسىلىي ئايرىپ كۆرسىتىدۇ.
  مەنبە تۈرىدىن قايسى تور بېكەتتىن نەچچە قېتىم كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كەلگەن تور نامى دېگەن يەردىن بولسا، مەزكۇر تور بېكەتكە قايسى تور بەتلەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىزدەش ماتورى تۈرىدىن بولسا، قايسى ئىزدەش تور بەتلىرىدىن نەچچە قېتىم كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆز ئورنىدىن بولسا، تور بېكەتتىن قايسى سۆزنى نەچچە قېتىم ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچى تېرمىنالى تۈرىدىن بولسا، تور بېكەتنى قانداق ئۈسكۈنىدە قايسى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىپ قايسى تور كۆرگۈچتىن نەچچە قېتىم كۆرگەنلىكىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چېكىلىش رەت تەرتىپىدىن بولسا، تور بەتتىكى تورداشلار چەككەن بارلىق بەتلەرنى چېكىلىش سانى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە، ئىستاتىستىكىنى قانچىلىك ۋاقىت ساقلايدىغانلىقىنىمۇ تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ئۈندىدار سۇپىسى باشقۇرۇش

  ئۈندىدار سۇپىسى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولسا، مۇلازىمەت نومۇرى ۋە مۇشتەرى نومۇرى ھالىتىدىكى ئۈندىدار سۇپىسىنى تور بېكەتكە باغلاش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىككىلىك كودىنى تور بېكەتنىڭ ئىككىلىك كود بۆلىكىگە قوشۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
  ئۈندىدار سۇپىسىدىكى تىزىملىكنى مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسى ئارقىلىقلا باشقۇرۇشقا بولىدۇ. ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئۆزىدە 3 ئىستون، ھەر بىر ئىستوندا 5 قۇردىن جەمئىي 15 تۈرنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئەمما ئۈندىدار سۇپىسىنى باشقۇرۇش بېتى mp.weixin.qq.com دە بولسا بۇ يەردىكى خەت سانىغا چەكلىمە قويۇلغان، خەتنى كۆپ يازغىلى بولمايدۇ، مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى تىزىملىكى باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ 3 ئىستون 5 قۇردىكى 15 تۈرنىڭ خەت سانىنى خالىغانچە يېزىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.
  ئۇندىن باشقا يەنە، مەزكۇر تور بېكەتكە ئۇلانغان ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋالغان بارلىق ئەزالارنى تور بېكەت ئەزالىرى سالاھىيىتىدە تور بېكەتكە بىۋاستە ئەكىرىشكە بولىدۇ. كېيىنكى قېتىم شۇ ئەزالار كىرگەندە ئۈندىدارى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپلا كىرسە بولىدۇ.

كۆپ ئىقتىدارلىق تور بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇش

  تور بېكەت سىستېمىسىنى سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز. تور بېكەتنىڭ (باش بەتتىن باشقا) بارلىق سەھىپە ۋە بەتلىرى ئاساسلىقى ئۈستى، ئوتتۇرا ۋە ئاستى قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرا قىسمى بولسا مەزمۇن ۋە يان ئىستون قاتارلىق ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۆلەكلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ۋە ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ، بۆلەكلەرگە ھەر خىل مەزمۇن رامكىلىرىنى قوشۇشقىمۇ، ئېلىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. (باش بەتنىمۇ خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ).
  مەزكۇر سىستېمىنىڭ %90 قىسمىنى ئارقا سۇپىدىن كود تەھرىرلىمەيلا مائۇس ئارقىلىق تەڭشەپ رايون قۇرۇپ قوراشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارى DIY يۇقىرى دەرىجىلىك قۇرۇلما تەڭشەش ئېھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ (نەق گەپنى دېگەندە، بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان 100 تور بېكەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئارقا سۇپىدىنلا 100 خىل قىلىپ ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى تور بېكەت قىلىپ قوراشتۇرۇشقا بولىدۇ).

كۆپ خىل سۇپا

  مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسى ئۈستەل كومپيۇتېر ئېكرانى، خاتىرە كومپيۇتېر ئېكرانى، تاختا كومپيۇتېر ئېكرانى ۋە يانفون ئېكرانى قاتارلىق كۆپ خىل ئېكرانلاردا نورمال كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. كومپيۇتېردا ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى، تاختا كومپيۇتېر (پەد) ۋە يانفوندا كۆچمە نۇسخىسى كۆرۈنىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم ۋە ئازادە، زىيارەت قىلىش قولاي بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئېگە.

كۆچمە ئۈسكۈنە ئەپ دېتالى

  مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغۇچىلارغا Android ئەپ دېتالى ھەقسىز ياساپ بېرىلىدۇ. ئالما iOS ئەپ دېتالىغىمۇ ئېھتىياجىڭىز بولسا سىستېمىنىڭ «ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى» نى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ياكى ھەقلىقمۇ ياساپ بېرىمىز. بۇ ئەپ دېتالى ئارقىلىق تور بېكەت سىستېمىسىنى يانفوندا ئىنتايىن قولايلىق ئىشلىتەلەيسىز.

  يۇقىرىدا «شاھدىيار تور بەتچى سىستېمىسى» نىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تونۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر سىستېمىدا خەۋەر ئىقتىدارى، بلوگ ئىقتىدارى، مەخسۇس بەت ئىقتىدارى، قوللانما ئىقتىدارى، سۇئال – جاۋاب ئىقتىدارى، فىلىم ئىقتىدارى، ئەزا ئىقتىدارى، مۇنبەر ئىقتىدارى، باھا – سۆز ئىقتىدارى، ماقالە ئىقتىدارى، جۇغلانما نومۇر ئىقتىدارى، گۇرۇپپا ئىقتىدارى، بازار ئىقتىدارى، مەھسۇلات ئىقتىدارى، ئىزدەش ئىقتىدارى، ئىستاتىستىكا ئىقتىدارى... قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئېھتىياج بويىچە تاللاپ قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ، ئىشلەتمىگەن ئىقتىدارلىرىنى تاقاپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ.
  يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىقتىدارلار ئاساسەن سىستېمىنىڭ ئالدى سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى بولۇپ، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئارقا سۇپىدىن باشقۇرۇشقا بولىدۇ. «شاھدىيار تور بەتچى سىستېمىسى» نى ئىشلىتىش قولايلىق، كۆرۈنمە يۈزى يېڭىچە ۋە ئازادە، ئىقتىدارى يۇقىرى، كۆپ تىللىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كارخانىڭىزغا تور بېكەت قۇرۇشتىكى ئالدىنقى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.

  ئەڭ ياخشىسى مەۋجۇت ئەمەس، تېخىمۇ ياخشىسى مەۋجۇت. ئالدىنقىسىدىن كېيىنكىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ. ئىش قىلدۇرۇشتا يەنىلا كەسپ ئېگىلىرىنى تاللاڭ.



بىز ئەڭ ياخشىسى بولمىساقمۇ ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشمىز!

شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
新疆沙地亚电子科技开发有限公司
Xinjiang Shahdiyar Electronic Tech Dev Co.,LTD
www.shahdiyar.com    Shahdiyar@qq.com    0991-2201410    13999144660