سىستېمىنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ

ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى

  شىركەت - كارخانا، ئىدارە - ئورگان، ھەر ساھەدىكى تور بېكەت ئاچقۇچىلارنىڭ ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ھەر خىل كەسپىي تور بېكەتلەرنى ئېچىشىغا ماس كېلىدۇ. بىۋاستە تىزىملىتىپ كىرىش، QQ ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش، شىنلاڭ ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش، ئۈندىدار ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش، ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش، Alipay ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش، جۇغلانما نومۇر ئىشلىتىش، مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇشنى قوللايدۇ. 5 چوڭ بۆلەك، 50 كە يېقىن تارماق بۆلەكتىن تۈزۈلگەن.

17800.00¥
تەپسىلاتى ...

ئۆلچەملىك نۇسخىسى

  شىركەت - كارخانا، ئىدارە - ئورگان، ھەر ساھەدىكى ھەر خىل كەسپىي تور بېكەتلەرنى ئېچىشقا ماس كېلىدۇ. بىۋاستە تىزىملىتىپ كىرىش، جۇغلانما نومۇر ئىشلىتىش ۋە مال كەلگەندە پۇل تاپشۇرۇشنى قوللايدۇ. بۇ نۇسخىسى نورمال تۈردىكى ھەر خىل تور بېكەتلەرنى ئېچىشقا ماس كېلىدۇ. 5 چوڭ بۆلەك، 30 غا يېقىن تارماق بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. ئىخچام ھەم سۈپەتلىك تور بېكەت ئاچىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. (ئۈندىداردا كىرىش ۋە ئۈندىداردا پۇل تاپشۇرۇشنى ھەقلىق قوشقىلى بولىدۇ.)

9800.00¥
تەپسىلاتى ...
سىستېما ھەققىدە

   «شاھدىيار تور بەتچى سىستېمىسى» بولسا، ھەر خىل ساھەدىكى شىركەت – كارخانا ۋە ئىدارە – ئورگانلارنىڭ تور بېكىتىنى قۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئىقتىدارى يۇقىرى كۆپ تىللىق (ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە – ئېنگلىزچە) تور بېكەت سىستېمىسى بولۇپ، بىرلا سىستېمىنى ئۈچ خىل تىلدا خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
   ھازىر «ئىنتېرنېت +» دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقان مۇشۇنداق رىقابەت جەمئىيىتىدە كارخانا قۇرغان ھەم كارخانا قۇرماقچى بولۇپ ئېگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ھەر قانداق كارخانىلار توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كەلدى. ھەر خىل ساھەدىكى كارخانىلار ئىنتېرنېت تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ تور بېكەتلىرى بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ تور بېكەتلىرى يوق. يەنە بەزى كارخانىلارنىڭ تور بېكەتلىرى بار بولغان تەقدىردىمۇ، نورمال خىزمەت قىلالماسلىقى ۋە ئېھتىياجدىن چىقالماسلىق سەۋەبىدىن كارخانىسىنى ۋە مەھسۇلاتىنى توردا تونۇتۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ. باشقا تاراتقۇ تور بەتلىرىگە نەچچە مىڭلاپ پۇل خەجلەپ ئېلان بېرىۋاتىدۇ. كارخانىنىڭ مۇستەقىل ھەم مۇكەممەلراق تور بېكىتى بولسا، تور بېكەتكە ئازىراق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن خېرىدارلار ۋە كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەتنى، مەھسۇلاتنى ۋە مۇلازىمەتلەرنى توردا تەشۋىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، تور بېكەت ئارقىلىق سودا قىلىش، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق نۇرغۇن قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ كارخانىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلالايدۇ.
   «شاھدىيار تور بەتچى سىستېمىسى» بولسا دەل مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ مۇكەممەلراق تور بېكىتى يوق ياكى بار بولسىمۇ شۇ تور بېكىتىدىن ئۆزى ئويلىغاندەك ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايۋاتقان، شۇ تور بېكىتىنىڭ ئىقتىدارى ئېھتىياجىدىن چىقالمايۋاتقان ھەر قانداق كارخانا ۋە ئېگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن تور بېكەت سىستېمىسى. مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسى ئىدارە – ئورگان، شىركەت – كارخانا، مەكتەپ ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى تىجارەتچى ۋە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، جۈملىدىن تور بېكەت قۇرماقچى بولغانلارنىڭ ئېھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ. مەزكۇر تور بېكەت سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنە (يانفون) نۇسخىسى ھەر خىل چوڭلۇقتىكى ئېكرانغا ماسلاشتۇرۇلغان ھەم لايىھەلىنىشى كۆركەم بولۇپ، خەلقئارادا ئەڭ مودا بولغان Bootstrap تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ، MVC ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى بويىچە لايىھەلەنگەن.
   مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئىقتىدارلىرى: باش بەت ئىقتىدارى، خەۋەر ئىقتىدارى، بلوگ ئىقتىدارى، بازار (مەھسۇلات سېتىش) ئىقتىدارى، قوللانما ئىقتىدارى، مەخسۇس بەت ئىقتىدارى، مۇنبەر ئىقتىدارى، ئەزا مەركىزى ئىقتىدارى، زاكاز قىلىش ئىقتىدارى، فىلىم ئىقتىدارى، سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى، تەپسىلىي ئىستاتىستىكا ئىقتىدارى ... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. بۇ ئىقتىدارلار تور بېكەت سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ۋە كۆچمە نۇسخىسىدا ئۈچ خىل تىلدا ئورتاق ئىشلەيدۇ.
   تور بېكەت سىستېمىسىدا يەنە مۇھىم بولغان ئىقتىداردىن يەنە بىرى، بارلىق سەھىپىدىكى بەتلەرگە ئىككىلىك كود ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىلىك كودنى يانفوندا سكاننېرلاش ئارقىلىق شۇ مەزمۇن بار بەتنى يانفوندا تېزلا كۆرۈشكە ۋە يانفون ئارقىلىق باشقىلارغا ھەمبەھرلەشكە بولىدۇ.

كۆپ تىللىق
ئۇيغۇرچە
خەنزۇچە
ئېنگلىزچە
سىستېمىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇش فىلىمى
قويۇش
كۆپ خىل سۇپا


ئۈستەل يۈزى نۇسخا


پەد نۇسخا


يانفون نۇسخا


Android نۇسخا


iOS نۇسخا
كۆپ خىل تىزىملىتىپ كىرىشنى قوللايدۇ


تىزىملاتقان ھېساباتتا كىرىش


ئۈندىدار ھېساباتىدا كىرىش


QQ ھېساباتىدا كىرىش


شىنلاڭ ھېساباتىدا كىرىش
كۆپ خىل پۇل تاپشۇرۇشنى قوللايدۇ


ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش


ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش


جۇغلانما نومۇر ئىشلىتىش


مال كەلگەندە تاپشۇرۇش
تور بېكەت قۇرۇشتىن قىينىلىۋاتامسىز؟
  • تور بېكەت قۇرۇش سىز ئۈچۈن ئەمدى ھەرگىز تەس ئەمەس. بىز سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تەييار!

  • كارخانىڭىزنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلماقچى بولسىڭىز بىزنى تاللاڭ. بىز - بىزگە ئىشەنگەنلەرنى ھەرگىز نا-ئۈمىدتە قويمايمىز.

  • ھەر خىل چوڭلۇقتىكى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان، كۆرۈنۈشى كۆركەم ۋە ئازادە، ئىشلىتىش قولايلىق ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق.

  • كۆپ ئىقتىدارلىق تور بېكەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ئىنتېرنېتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ. ئىنتېرنېتقا يۈزلەنمىگەن سىزلا قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

  • ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئورۇنلار
    • شىركەت - كارخانىلار تور بېكىتى قۇرۇش
    • ئىدارە - ئورگانلار تور بېكىتى قۇرۇش
    • مائارىپ - مەكتەپ تور بېكىتى قۇرۇش
    • شەخسىي تىجارەتچىلەر تور بېكىتى قۇرۇش
    • ئاخبارات - خەۋەر تور بېكىتى قۇرۇش
    • ئوقۇ - ئوقۇتۇش تور بېكىتى قۇرۇش
    • ھەر خىل كەسپىي تور بېكەت قۇرۇش
    • مال سېتىۋېلىش تور بېكىتى قۇرۇش
    • ھەر خىل ئۇنىۋېرسال تور بېكەت قۇرۇش
    • يېزا ئىگىلىك سانائىتى تور بېكىتى قۇرۇش
    • داۋالاش ئورنى تور بېكىتى قۇرۇش
    • يەنە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە ماس كېلىدۇ

    شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
    新疆沙地亚电子科技开发有限公司
    Xinjiang Shahdiyar Electronic Tech Dev Co.,LTD
    www.shahdiyar.com    Shahdiyar@qq.com    0991-2201410    13999144660